تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 3386|ئىنكاس: 0

يۇۋېنتۇس vs فىئورېنتىنا مۇسابىقىسىگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

26

يازما

1563

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
531
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
26
بايلىق:
505
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
187 سائەت
ئاخىرقى:
2021-5-17

مېسسىبارسىلونا

ۋاقتى: 2020-12-22 18:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىتالىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانما: يۇۋېنتۇس vs فىئورېنتىنا مۇسابىقىسىگە نەزەر

2020122211582716387.jpg



بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 3:45تىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا فىئورېنتىنا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنداقتا ئالدىنقى ئايلانمىدا 4-0 نەتىجىدە پارمانى مەغلۇپ قىلغان يۇۋېنتۇس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتېرى: ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر 3:45

مۇسابىقە ئورنى: تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانى


2020122211584938430.jpg


يۇۋېنتۇسنىڭ ئەھۋالى:


يۇۋېنتۇس ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 4-0 نەتىجىدە پارمانى مەغلۇپ قىلدى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزدى. يۇۋېنتۇس ھازىر 13 ئايلانما مۇسابىقىنىڭ يەتتە مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ ئالتە مەيدانىدا تەڭلىشىپ، 28 توپ كىرگۈزۈپ10 توپ كەتكۈزدى، ھازىر بىرلەشمىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. يۇۋېنتۇسنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى خىلى ياخشى، ئۇلار يېقىنقى ھەر تۈرلۈك 12 مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز مەيدان غەلىبە قىلىپ ئۈچ مەيدان تەڭلەشتى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 2.15 توپ كىرگۈزدى، كوماندىنىڭ بىرىنچى مەرگىنى كرىستىيانو رونالدو بولسا بىرلەشمىدە 12 توپ كىرگۈزۈپ، مەرگەنلەر تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. يۇۋېنتۇس بىلەن فىئورېنتىنانىڭ يېقىنقى ئالتە قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا يۇۋېنتۇس بەش قېىم غەلىبە قىلىپ بىر قېتىم تەڭلەشكەن، شۇڭا بۇ قېتىم ساھىبخان مەيداندا غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.


2020122211590977567.jpg


فىئورېنتىنانىڭ ئەھۋالى:


فىئورېنتىنا ئالدىنقى ئايلانمىدا 1-1 نەتىجىدە ۋېرونا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، شۇنداقلا 13 ئايلانمىنىڭ ئىككى مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ بەش مەيدانىدا تەڭلىشىپ ئالتە مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى، ھەمدە 13 توپ كىرگۈزۈپ 21 توپ كەتكۈزدى، ھازىر بىرلەشمىدە 16-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. فىئورېنتىنانىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قىلىشى دەسلەپكى نەچچە ئايلانمىدىن كېيىنلا سابىق ترېنېرنى ئىشتىن بوشاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يېڭى ترېنېر پۇلاندلى كوماندىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ نەتىجىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ھەتتا يېقىنقى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ باقمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مېھمان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىشى تەس.


تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش