تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1145|ئىنكاس: 1

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 30-ئايلانما: سېۋىللا 0:0 بارسېلونا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

 成长值: 550

14

تېما

16

يازما

2

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
363
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
16
بايلىق:
347
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2020-9-23

مېسسىبارسىلونا

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 30-ئايلانما: سېۋىللا 0:0 بارسېلونا



2020062006240556574.jpg

دوڭچيۇدى تورى 20-ئىيۇن خەۋىرى :

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى پىزخۇئەن توپ مەيدانىدا باشلاندى، سېۋىللا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىدىن مېسسىنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى مۇداپىئەچى قاپقا سىزىقى ئۈستىدە توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولۇپ، مېسسى قارشى تەرەپ ماھىرىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0؛0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا قاپقىچىسى ترېستېگېن ئوسكامپو بىلەن مۇنىرنىڭ تەپكەن خەتەرلىك توپىنى كەينى-كەينىدىن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا سېۋىللا ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە بارسېلونا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.


2020062006254926034.jpg


مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى بارسېلونا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، سۇئارېزنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، سېۋىللا كوماندىسى ئىختىيارى توپ ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇنىرنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇۋالدى، كوندېنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە سۈركىلىپ، ياندىن چىقىپ كەتتى، بارسېلونادىن مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى كوندې قاپقا سىزىقى ئۈستىدە كاللا بىلەن ئۈسسۈپ سىرتقا چىقىرىۋەتتى، يەنە بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ تېپىشتە، مېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، سۇئارېزنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، راكېتىچنىڭ تەپكەن توپى ئۆرلەپ كەتتى، ئالبانىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپئەچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولۇپ، مېسسى قارشى تەرەپ ماھىرىنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0؛0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.


2020062006254955872.jpg


كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، سېۋىللا كوماندىسى كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، ئوسكامپونىڭ كىچىك ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى ترېستېگېن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، بىر مىنۇتتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا مۇنىرنىڭ تەپكەن توپىنى ترېستېگېن يەنە بىر قېتىم چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئوسكامپونىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، بارسېلونادىن مېسسىنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، سۇئارېزنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا سۇئارېز توپ كىرگۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتىدە توپنى ئېگىز ئۆرلىتىۋەتتى، سېۋىللادىن رېگۇيلوننىڭ تەپكەن توپىنى ترېستېگېن تۇتۇۋالدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا سېۋىللا ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە بارسېلونا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بارسېلونا، خانلىق مادرىد غەلبە قىلسىلا بىرلەشمە رەت تەرتىپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.


2020062006254965895.jpg



2

تېما

4

يازما

0

تەڭگە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
160
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
4
بايلىق:
156
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
29 سائەت
ئاخىرقى:
2020-9-9

بارسىلونا

QQ
ۋاقتى: 2020-6-20 10:08:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام تەڭلىشىپ قېلىپ ياخشى ئىش قىلمىدى دېسە ھەي
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش