تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1554|ئىنكاس: 1

بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپچىلارنىڭ قاپقىغا تېپىش سانى تىزىملىكى: رو...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

14

يازما

1

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
306

مېسسىبارسىلونا

بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپچىلارنىڭ قاپقىغا تېپىش سانى تىزىملىكى: رونالدو بىرىنچى



2020051323352442894.jpg


توۋتياۋ تورى خەۋىرى :

يېقىندا، مەلۇم سانلىق مەلۇمات تاراتقۇسى بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپچىلارنىڭ قاپقىغا تېپىش سانى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىكتە 133 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن كرىستىيانو رونالدو بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، مېسسى 105 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، قاپقىغا 98 قېتىم توپ تەپكەن لازىئو ھۇجۇمچىسى ئىمموبىلې «ئۈنۈم شاھى»غا ئايلانغان.


2020051323352988383.jpg


بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپچىلارنىڭ قاپقىغا تېپىش سانى تىزىملىكى:

1. كرىستىيانو رونالدو: يۇۋېنتۇس، 133 قېتىم، 21 توپ

2. لېۋاندوۋىسكى: بايرېن مىيۇنخېن، 111 قېتىم، 25 توپ

3. مېسسى: بارسېلونا، 105 قېتىم، 19 توپ

4. جىمىنېز: بۆرە كوماندىسى، 98 قېتىم، 13 توپ

4. ئىمموبىلې: لازىئو، 98 قېتىم، 27 توپ

6. بېنزېما: خانلىق مادرىد، 96 قېتىم، 13 توپ

7. ۋېرنېر: لېيپزىگ قىزىل كالا، 93 قېتىم، 21 توپ

8. سالاھ: لىۋېرپول، 93 قېتىم، 16 توپ

9. مباپپې: پارىژ سانت گېرمان، 91 قېتىم، 18 توپ

10. زېكو: رىم، 86 قېتىم، 12 توپ


2020051323353639270.jpg


كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي 133 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپ 21 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن يەتتە قېتىمدا بىر توپ كىرگۈزگەن.«ئۈنۈم شاھى» ئىمموبىلې قاپقىغا 98 قېتىم توپ تېپىپ 27 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن تۆت قېتىمغىمۇ يەتمىگەن ئەھۋالدا بىر توپ كىرگۈزگەن. لېكىن، ئىمموبىلې كىرگۈزگەن 27 توپنىڭ ئىچىدىكى 10 توپ نۇقتا توپ!مېسسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ئالتە قېتىمدا بىر توپ كىرگۈزگەن.



11

تېما

14

يازما

1

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
306

مېسسىبارسىلونا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2020-6-19 11:05:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش