تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1666|ئىنكاس: 0

خانلىق مادرىد 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

14

يازما

1

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
302

مېسسىبارسىلونا

خانلىق مادرىد 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى

2020042616591199110.jpg

جىبوبا تورى خەۋىرى:

«ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ مەشىقە مەيدانىغا قايتىشى رۇخسەت قىلىنسا، ئۇنداقتا ئۇلار 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرتىدىكەن.

خانلىق مادرىد ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ترېي تومپكىنسنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن، خانلىق مادرىد 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ مەشىق بازىسىنى تاقىغان. لېكىن، خانلىق مادرىد توپچىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيىدە مەشىق قىلىشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار مەشىق بازىسىغا قايتسا، ئۇنداقتا ئۇلار يېڭى خىزمەت ئۇسۇلىغا ماسلىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خانلىق مادرىدنىڭ مەشىق بازىسى بارلىق سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا توپچىلار مەشىق مەيدانىغا قايتالايدۇ.

2020042616590741084.jpg

ھازىرقى ئاساسلىق ئۇسۇل توپچىلارنى ئايرىش، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلاش. ئۇنىڭدىن باشقا، توپچىلار مەشىقنى باشلاشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ مەشىق مەيدانىغا قايتىشى رۇخسەت قىلىنسا، ئۇنداقتا بىرىنچى سەپ 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەشىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.



تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش