تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 1783|ئىنكاس: 1

پارىژ سانت گېرمان بېنزېمانى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

14

يازما

1

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
302

مېسسىبارسىلونا

پارىژ سانت گېرمان بېنزېمانى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا





2020042314432588050.jpg

جىبوبا تورى خەۋىرى:

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پارىژ سانت گېرمان خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېمانى قوشۇۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر كاۋانى كوماندىدىن ئايرىلسا بېنزېمانى ئۇنىڭ ئىزباسارى قىلىشنى پىلانلىماقتا.

    كاۋانى بىلەن پارىژ سانت گېرمان ئوتتۇرىسىدىكى توختام مۇددىتى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا كاۋانى ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە پارىژ سانت گېرماندىن ئايرىلىشى مۇمكىن. پارىژ سانت گېرمان بۇ ئەھۋالدا كاۋانىنىڭ ئورنىغا يېڭى توپچى قوشۇۋېلىشنى ئويلاشقان بولۇپ، ترېنېر تۇخېل خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېماغا قىزىقىپ قالغان ۋە ئۇنى ئەڭ ياخشى نامزات دەپ قارىغان.

    بېنزېما ۋە خانلىق مادرىدنىڭ توختام مۇددىتى 2021-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، لېكىن يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىككى تەرەپ توختام ئۇزارتىش ئىشىدا ئاللىقاچان بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، پەقەت توختامغا ئىمزا قويۇش ئىشى قالغان، شۇڭلاشقا پارىژ سانت گېرماننىڭ بېنزېمانى قوشۇۋېلىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك.

    لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، خانلىق مادرىدنىڭ پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى مباپپېنى قوشۇۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بېنزېما سودىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن خانلىق مادرىد ترېنېرى زىدانى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ فرانسىيەلىك توپچىسىغا تولىمۇ ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاسانلىقچە بېنزېمانى قويۇپ بەرمەيدۇ.



11

تېما

14

يازما

1

تەڭگە

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
302

مېسسىبارسىلونا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2020-4-23 20:40:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا بۇخىل ئىھتىماللىقنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، ھىلىمۇ بەك ئۇزۇن بولدى بۇ بىنىزماغا خانلىق مادىرىتتا توپ ئوينىغىلى، كۆپ چىلىكنىڭ قانداق پىكىرى باركىن قىنى....
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش