تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 2420|ئىنكاس: 0

ئەڭ قالتىس سول بېك! روبېرتو كارلوسنىڭ 47 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

 成长值: 70

等级头衔

گۇرۇپپا :بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

积分成就
شۆھرەت
0
تۆھپە
0
تېما
12
جەۋھەر
0
بايلىق
317
جۇغلانما
331
تىزىملاتقان
2019-7-4
ئاخىرقى قېتىم
2020-8-5

建功伟业

مېسسىبارسىلونا

2020041022225712799.jpg

سىنا تورى 10-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 10-كۈنى برازىلىيەلىك مەشھۇر پۇتبولچى روبېرتو كارلوسنىڭ 47 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، بىز پۇتبول تارىخىدا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بۇ سول بېكنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ترېنېرلىق ھاياتى، شۇنداقلا تۇرمۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

روبېرتو كارلوس 1973-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپىي ھاياتىنى برازىلىيەدىكى سان جوئان بىرلەشمىسى كوماندىسىدا باشلىغان، 1993-يىلى برازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى پالمېيراسقا قوشۇلغان، 1995-يىلى خەلقئارا مىلانغا يۆتكىلىپ ياۋروپا ھاياتىنى باشلىغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىنلا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان. خانلىق مادرىدتا 11 يىل توپ تەپكەندىن كېيىن برازىلىيە بىرلەشمىسى، رۇسىيە بىرلەشمىسى قاتارلىق بىرلەشمىلەردە توپ تېپىپ باققان.

2020041022225534194.jpg

روبېرتو كارلوس توپچى ھاياتىدا جەمئىي 1127 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىدە بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىملىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، كۇلۇبتا ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى قاتارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

روبېرتو كارلوس 2013-يىلى ترېنېرلىق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ئالدى-كەينى بولۇپ بىر نەچچە كىچىك كوماندىغا باش ترېنېر بولغان، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ خانلىق مادرىدنىڭ ئۆسمۈرلەر سىستېمىسىدا ترېنېرلىق قىلىۋاتىدۇ.


تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش